خىتايدا يىلىغا 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدۇ


2005.10.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مۇھىتنى ئاسراش دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلمىغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئىگەللىشىچە، خىتايدا يىلىغا 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى، ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدۇ.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تەكشۈرۈشنى خىتاي دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ تارمىقىدىكى بىر ئاكادېمىيە 2003 - يىلى ئېلىپ بارغان. ئۇلار يىلىغا 300 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆينىڭ سىرتىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىدىن، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆينىڭ ئىچىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققان ئۆپكە، يۈرەك قاتارلىق ھەر خىل كېسەللىكلەردىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، بۇ ساننىڭ ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھاۋا بۇلغىنىشىدىن ئۆلىدىغانلار سانىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان.

خىتاي گەرچە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا ۋەدە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىستاتېستىكىلارنى ئاشكارىلىمايدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ۋە چەتئەل مۇتەخەسىسلىرى خىتاينىڭ تېز سانائەتلىشىشىنىڭ ئېكېلوگىيىلىك مۇھىتقا ئېغىر زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە ھەمدە ھاۋانىڭ بۇلغىنىنىڭ كەلگۈسى 15 يىل ئىچىدە ھازىرقىدىن بەش ھەسسە ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.