نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى جۈملىدىن خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۈ كۆلى ھېسابلانغان باغراش كۆلىنىڭ ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتى ئېغىر بۇلغىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسلىقى ئادەملەر تەرىپىدىن كەلگەن بۇزغۇنچىلىقلار سەۋەب بولغان.
تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ شىنخۇا خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار باغراش كۆلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تۆت تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان. ئۇلار سانائەتتىن چىققان كېرەكسىز سۇلارنى تەرتىپكە سېلىش، شەھەرلەردىكى تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىپ قالغان پاسكىنا سۇلارنى تەرتىپكە سېلىش، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدىكى قالدۇق سۇلارنى رەتلەش ۋە ئېتىزلىقتىن كېچىپ كۆلنى ساقلاپ قېلىش قاتارلىقلار.
باغراش كۆلىنىڭ سۇ يۈزى 1001 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بۇ خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما باغراش كۆلى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىغا ئاساسلىقى ئېتىزلىقلاردىن چىققان سۇلار، سانائەت كېرەكسىز سۇلىرى ۋە تۇرمۇشتىكى پاسكىنا سۇ قاتارلىق 3 چوڭ ئامىل سەۋەپ بولماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۈزۈپ چىققان يۇقىرىدىكى 4 چوڭ قۇرۇلۇش بويىچە، 5 يىل ئىچىدە كارخانىلار چىقارغان كېرەكسىز سۇ مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پىلانلانغان. (پەرىدە)