خىتايدا ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر جاي ئۇيغۇر يۇرتلىرى
2006.12.06
شىنخۇا ئاگېنتلىىقنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ئادەم نەپەسلىنىدىغان ھاۋانىڭ سۈپىتى 5 دەرىجىگە ئايرىلغان بولۇپ، 1 - ياكى 2 - دەرىجە دېيىلگىنى ئالىي سۈپەتلىك ھاۋا شارائىتىدا تۇرۇۋاتقان جايلار؛ 3 - دەرىجە دېيىلگىنى ھاۋاسى يىنىك دەرىجىدە بۇلغانغان جايلار؛ 5 - دەرىجە دېيىلگىنى ھاۋاسى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان جايلار ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاينىڭ 5 - دىكابىر كۈنىدىكى ھاۋارايى مەلۇماتىدا، ئىچكى موڭغۇلىيە، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشا، شەنشى ئۆلكىلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ھاۋانىڭ سۈپىتى 3 - دەرىجە، خىتايدكى قالغان ئۆلكىلەردە ھاۋانىڭ سۈپىتى 1 - ياكى 2 - دەرىجە، پەقەت شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى جايلاردىلا ھاۋانىڭ سۈپىتى 5 - دەرىجە دەپ ئېلان قىلىنغان . (ۋەلى)
©
2006 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەڭرىتاغ مۇز تاغلىرىدىن ئىنسانلارنىڭ ئاتموسفېرانى بۇلغىغانلىق ئىسپاتلىرى تېپىلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ بۇلغىنىشى ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا
- باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئېغىر بۇلغانماقتا
- تارىم دەرياسى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشى كۆپ مىقداردىكى بېلىقلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
- خىتايدا يىلىغا 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدۇ