ئۈرۈمچىدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا


2006.12.12

خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 11 ‏- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق تۇمان قاپلىغان بولۇپ، ھاۋا بولغىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ بەك ئېغىرلاشقان، بۇ خىل ئېغىر دەرىجىلىك بۇلغىنىش ھالىتى ئۇدا 4 كۈن داۋاملاشقان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىتنى قوغداش ئىدارىسىدىكى بىر مۇتەخەسسىس ئۈرۈمچىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە ھاۋارايىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ" ئۆزگەرتىشنىڭ ئامالى بولمىدى، كۆنمەي ئىلاج ياق " دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر مۇتەخەسسىس سۆزىدە يەنە "ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋاسىنىڭ بۇنداق ئېغىر دەرىجىدە بۇلغۇنۇپ كېتىشى مەزكۇر جايدىكى كۆمۈر ئىستىمال قىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن" دەپ بىلدۈرگەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى چى ۋېيجىڭ يېقىندا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىل ئۈرۈمچىدىكى ھاۋاراينى ياخشىلاش ئۈچۈن 350 مىليون يۈئەن مەبلەغ سالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. لېكىن ئۈرۈمچى ئاخالىلىرى باياناتچى مەلۇم قىلغان بۇ مەبلەغنىڭ راس -يالغانلىقىغا شۇنداقلا مەزكۇر جايدا يىللاردىن بۇيان ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان "كۆك ئاسمان ئىنشائاتى" قاتارلىق ھاۋانى تازىلاش ئۈسكۈنلىرىگە گۇمانلىق قارىماقتا. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.