ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشىنى ئاساسلىق كۆمۈر ئىسى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا


2006.12.24

ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش مەسىلىسى خېلى يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلە بولۇپ، ھەتتا ئۈرۈمچى خىتاي بويىچە شىئەندىن قالسا ھاۋا مۇھىتى ئەڭ ناچار شەھەرنىڭ بىرى بولۇپ سانىلىپ كەلگەن.

بولۇپمۇ بۇ يىل قىش پەسلى كىرىشى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى بەشىنچى دەرىجىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ئۈرۈمچى مېترولوگىيە ھەمدە مۇھىت ئاسراش ئىدارىلىرى ھاۋا بۇلغىنىشنىڭ ئۈرۈمچى ئاھالىسىگە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ھەتتا بىر قانچە قېتىم سۈنئىي قار ياغدۇرغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا مۇھىتى يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىش ھالىتىدە تۇرماقتا.

23 - دېكابىر ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تور بېتى مۇخبىرلىرىغا ئاشكارلىشىچە، ئۈرۈمچى ھاۋا مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغۇنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىسىنىشتا كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلغانلىقى شۇنداقلا پار بىلەن تەمىنلەشتىمۇ ئاساسلىق يېقىلغۇنىڭ كۆمۈر بولغانلىقى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ھەر قىش پەسلىدە ئۈرۈمچى ھاۋاسىغا 110مىڭ توننا زەھەرلىك ئىس قويۇپ بېرىلىدىكەن. ئېنىقلىنىشىچە ئۈرۈمچىدىكى شەھەر ئاھالىسى ئىشلەتكەن كۆمۈر مىقدارى پۈتۈن خىتايدىكى ئاھالىنىڭ ئىشلىتىۋاتقان كۆمۈر مىقدارىنىڭ تۆت ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.