ئۈرۈمچى دائىرىلىرى ھاۋا مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەدبىر قوللانماقچى


2007.01.30

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، -26ھەم -27يانۋار كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرى " ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن چوقۇم تەبىئىي گازنى ئاساسلىق يېقىلغۇ قىلىش كېرەك" دەپ كۆرسەتكەن.

ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسى بۇ يىل بەشىنچى دەرىجىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، خىتاي بۇيىچە ھاۋا مۇھىتى ئەڭ ناچار شەھەر بولۇپ قالغان ئىدى.

ئۈرۈمچى ھاۋا مۇھىتىنىڭ بولۇپمۇ قىش پەسلىدە داۋاملىق ناچارلىشىشىغا، ئۈرۈمچىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىلا ئەمەس بەلكى كۆمۈرنى ئاساسلىق يېقىلغۇ قىلىۋاتقانلىقى ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان خىتاي دۆلەتلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئىنجېنېرى ياڭ جىڭتيەن پىكىر بايان قىلىپ " ئۇيغۇر ئېلى تەبىئىي گاز بايلىقىغا مول، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەبىئىي گازنى يېقىلغۇ قىلىشنى كېڭەيتىش كېرەك " دېگەن.

ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبئىي گاز، نېفىتقا ئوخشاش تەبىئىي بايلىقلىرىنى پەقەت خىتاي ئىچىگە توشۇپ، يەرلىك خەلق ئۈچۈن ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىدىن نارازى بولۇپ كەلمەكتە.

مۇتەخەسسىسلەر يىغىندا يەنە، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى 5000دىن ئارتۇق ھاۋاغا ئىس قويۇپ بېرىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئۆزگەرتىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسەن بۇ يىل ھاۋا مۇھىتىنى ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن 5 مىليون يۈەن ئاجراتماقچى ئىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.