دانىيە تۈرمىسىدە ئۆلگەن ئۇيغۇر ياشنىڭ ئۆلۈش سەۋەبلىرى گۇمان قوزغىماقتا


2005.12.30
burhan-zunun.jpg
مەرھۇم بۇرھان زۇنۇن . UAA resimi

دانىيىنىڭ پادبورگ شەھىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلىۋالغان دەپ ئېلان قىلىنغان بۇرھان زۇنۇننىڭ ئۆلۈمى كىشىلەردە گۇمان قوزغىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيىلىك ئادۋوكاتلار ئارقىلىق دانىيە ساقچى دائىرىلىرىدىن ئىگلىشىچە، بۇرھان زۇنۇن نەق مەيداندا ئۆلگەن ئەمەس، بەلكى ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان.

دانىيىلىك ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. كىشىلەر بۇرھان زۇنۇننىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تاياق زەربىسىدىن ئۆلۈش مۈمكىنچىلىكىدىن گۇمان قىلماقتا. دانىيە ساقچىلىرى ھازىرغىچە بۇرھان زۇنۇننىڭ ئۆلۈش ۋەقەسى توغرىسىدا تەپسىلى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار كېلەر ھەپتە بۇرھان زۇنۇننىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن دانىيىگە ئادۋۇكات ئەۋەتىدىكەن. ئادۋۇكات، دانىيە دائىرىلىرىدىن ئۆلگۈچىنىڭ نىمە سەۋەبتىن ئۆلگەنلىكىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇرھان زۇنۇن گېرمانىيىدىن نورۋىگىيىگە كېتىۋاتقاندا دانىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان. ئۇ، 22 - ياكى 23 - دېكابىر كۈنلىرى دانىيىدە تۇتۇپ قېلىنغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى 29- دېكابىردا ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ 25 - دېكابىردا دوختۇرغانىغا ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. ساقچىلار بۇرھان زۇنۇن ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلۈۋالغان، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلىكى ساقچى تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىتا گۇمان پەيدا قىلماقتا.

گېرمانىيىنىڭ ميۇنخىن شەھىرىدە جۈمە كۈنى مەرھۇمنىڭ غايىبىي نامىزى چۈشۈرۈلگەن. بۇ ۋەقە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. جۈمە كۈنى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋاشىنگتوندىكى دانىيە ئەلچىخانىسىغا خەت يېزىپ، ۋەقەنى ئېنىقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى گېرمانىيىدىكى دانىيە ئەلچىخانىسى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئەلچىخانا دائىرىلىرى ۋەقەنى ئېنىقلاپ جاۋاپ بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. بۇ ۋەقە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.