ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش رايونى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى تەبىئىي قوغداش رايونلىرى شەخسىي ۋە شىركەتلەرنىڭ قالايمىقان قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشى ۋە ساياھەتچىلىكنى ئېچىشى نەتىجىسىدە زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە نۇرغۇن تەبىئىي قوغداش رايونلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغان.

بورچىن قۇندۇز تەبىئىي قوغداش رايونى بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بويان بورچىن تەبىئىي قوغداش رايونى ئىچىگە نەچچە ئونلىغان قۇرۇلۇشلار چۈشكەن. بىراق ھېچقايسىسى قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتىمىگەن. تەڭرىتاغنىڭ غەربىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي قوغداش رايونلىرىدىمۇ، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دەرەخلەرنى قالايمىقان كېسىپ، شىركەتلەرگە سېتىۋەتكەن ۋە پىلانسىز ھالدا ساياھەتچىلىكنى ئېچىپ، تەبىئىي قوغداش رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىلىيىلىك مۇھىتىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان.

خىتاي دائىرىلىرى خەۋىرىدە، تەبىئىي قوغداش رايونلىرىدىكى بۇ خىل بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قانداق كونكېرت تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىمىگەن.

چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش جەھەتتىكى تەدبىرلىرىنىڭ يىتەرسىلىكى بىلەن ئەيىبلىمەكتە. (ئارزۇ)