خىتاي دائىرىلىرى باي ناھىيىسىدىكى ئۈچ ئوپتىكىلىق كابېلنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۈچرىغانلىقىنى بىلدۈردى

2007-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23‏- فېۋرال كۈنى ئەتتىگەن سائەت 3 ئەتراپىدا، باي ناھىيىسىنىڭ ناھىيە مەركىزى ئەتراپىدىكى ئىككى خەۋەرلىشىش شىركىتىگە قاراشلىق ئۈچ ئوپتىكىلىق كابېل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، باي ناھىيىسى بىلەن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خەۋەرلىشىشى بىر مەھەل توختاپ قالغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ جايدا تۇرۇشلۇق خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ خەۋەرلىشىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرىغان. يەنە باي ناھىيىسىنىڭ توققۇز يېزا ‏- بازىرىدىكى دېھقان ‏- چارۋىچىلارنىڭ تېلېفون سىگنالى ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇ ئىشتىن كېلىپ چىققان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليون يۈئەندىن ئاشقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوپتىكىلىق كابېل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار خادىملارنى تەشكىللەپ دەرھال نەق مەيدانغا بارغان ھەمدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئوپتىكىلىق كابېلنى رېمونت قىلغان.

بۇ ھازىرغىچە ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەقە ئىكەن. رادىئونىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئاقسۇدىكى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، بۇ دېلو ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت