خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېكىتكەن ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈەن، ئۆزىنىڭ مۇئاۋىن ھەمرىيى ئىسمائىل تىلىۋالدى بىلەن بىرلىكتە يېئىقىندا، شىنجاڭ ھەربىيە رايون ئورگىنىغا بېرىپ، زىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىدىكى ئوفىتسىر - ئەسكەرلەردىن ھال سورىغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارلىنىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق ئەمەلدارلار ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئوفېتسىر - ئەسكەرلىرىدىن ھال سوراش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنى نۇرغۇن پۇل بىلەن مۇكاپلىغان.
ۋاڭ لېچۈن، ئازادلىق ئارمىيە ئەسكەرلىرىگە، قىسىمنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى قوغداپ، سوتسىيالىستىك ئىناق شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى تەلەپ قىلغان.
ۋاڭ لېچۈەننىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك، چېگرا رايوننىڭ مۇقىمسىزلىقى دىگەنلەرنى باھانە قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى تۈرمىلەرگە تاشلىغانلىقى ھەتتا نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇنىڭ ھەققىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇنىڭ قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرىنى پاش قىلىدىغانلقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتايدا چىقىدىغان بىر ژورنالدا يېقىندا ۋاڭ لېچۈەننىڭ، شەندوڭدىكى دۆلەت ئىگىلىكىگە تەۋە 73 مىليارتلىق بىر ئېلىكتىر ئېنىرگىيە شىركىتىنى، 3 مىليارتقا سېتىۋىتىشتەك خىيانەتچىلىك دىلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقى پاش قىلىنغان ئىدى.
كۈزەتكۈچىلەر، ۋاڭ لېچۈننىڭ ئارقا تېرىكى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆپلىگەن قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرى باستۇرۇلۇپ كەلمەكتە دىيىشمەكتە. (ئەقىدە)