خىتايدا چاغانلىق ساياھەت مەزگىلى دەپ ئاتالغان قاتناش ئالدىراشلىقى باشلاندى
-
2008-01-25 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
خىتايدا 'چاغانلىق ساياھەت مەزگىلى' دەپ ئاتالغان قاتناش ئالدىراشلىقى باشلاندى. بۇ مەۋسۈمدە، بىڭتۇەن پارتكومى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ماي ئىسكىلاتى، قاتناش پونكىتلىرى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى قاتارلىق ھەممە قاتناش تۈگۈنلىرى ۋە مۇھىم جايلارنىڭ ھەممىسىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنى، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ۋەلى بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىتىدۇ.
'چاغانلىق ساياھەت' مەزگىلىدە بىڭتۇەنگە نەزەر
خىتايدا 'چاغانلىق ساياھەت مەزگىلى' دەپ ئاتالغان قاتناش ئالدىراشلىقى 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى باشلاندى. بۇ مەزگىلدىكى قاتناش ئالدىراشچىلىقى 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ. خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تور بېتى'دە بايان قىلىنىشىچە، خىتايلارنىڭ بۇ يىلقى چاغانلىق ساياھەت پائالىيىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە پىلانلانغان ساياھەت ئاپتوموبىلى 2000، يولۇچى توشۇش ئۈچۈن پىلانلانغان پويىز ۋاگون قېتىمى980 مىڭ، يولۇچى ئادەم قېتىمى 20 مىليون. بۇنىڭ ئىچىدە، بىڭتۇەن )خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى( دىن چاغانلىق ساياھەت ئۈچۈن پىلانلانغان ئادەم قېتىمى 2 مىليون 180 مىڭ.
'شىنخۇا تور بېتى'نىڭ بىڭتۇەن سەھىپىسىدە بايان قىلىنىشىچە، بىڭتۇەن پارتكومى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ماي ئىسكىلاتلىرى، قاتناش پونكىتلىرى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى قاتارلىق ھەممە قاتناش تۈگۈنلىرى ۋە مۇھىم جايلارنىڭ ھەممىسىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، چاغانلىق ساياھەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە قوغداشقا ھەر ۋاقىت ھازىر تۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
بىڭتۇەننىڭ ھوقۇقى ئاپتونوم رايوندىن چوڭ
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، بىڭتۇەننىڭ ھوقۇقى ئاپتونوم رايوندىن چوڭ، چاغانلىق ساياھەتنى قوغداش دېگەن مەسىلىدىمۇ مەركەز ئاپتونوم رايونغا ئىشەنمەيدۇ.
مەركىزى ھۆكۈمەت بىڭتۇەنگە يان باسىدۇ
دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىڭتۇەن بىلەن ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا بىڭتۇەنگە يان باسىدۇ.
بىڭتۇەننىڭ نوپۇس سانى دۆلەت مەخپىيەتلىكى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، بىڭتۇەننىڭ نوپۇس سانى قانچىلىك ئىكەنلىكىنىڭ ئۆزىمۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكى.
خىتاي چاغان بايرىمىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلمەكتە
دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر 'شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ، بىر ھېسابتا خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ، دېيىش مۇمكىن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈرۈمچىدە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش تەلىپى بۇيىچە قوراللىق بىڭتۇەن تەربىيلەيدىغان چوڭ بىنا سېلىنىشقا باشلىغان
- بىڭتۇەن خەلق ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەپ چېگرا ياقىلاپ چارلاش ئېلىپ بارماقتا
- بېيجىڭدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىندا بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومېسسارى "بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساىدنى قوشۇۋېتىپ تەرەققى قىلدۇرۇش" دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان
- خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۈەنگە 34 مىليون يۈەن پەن- تېخنىكا مەبلىغى بەردى
- "چاغان بايرىمى" دا ئوت ئاپىتى شۇنىڭدەك قاتناش جىددىيلىكى ئەۋج ئالدى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرا ئېغىزلىرى 10 كۈنگە قەدەر تاقالدى
- بىڭتۇەن كادىرلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلىرى بارغانسېرى زورايماقتا
- ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئىسمائىل تىلىۋالدى ئازادلىق ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى