تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنى چارلاشقا باشلىدى


2005.03.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بۇ يىلدىن باشلاپ يۈزدىن ئوشۇق تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرى ھەر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە چارلاش ئېلىپ بارىدىكەن.

"ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىلگىرى چارلاش ساقچىلىرى ساقچى توخمىقى ۋە ياش ئاقتۇرۇش بومبىسى قاتارلىق مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئېلىپ يۈرگەن بولسا، بۇ يىلدىن باشلاپ تاپانچا ۋە ئاپتوماتلارنى ئېلىپ يۈرىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۆتكەن يىلى ئاخىرىدىن باشلاپ چارلاش مۇداپىئە قىسمىدا چوڭ ئىسلاھات ئېلىپ بارغان بولۇپ، تولۇق قوراللانغان يۈز نەچچە ساقچىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنى كۈندە چارلىشى بۇنىڭ ئارىسىدىكى مۇھىم بىر تۈر ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن 28 - فېۋرال كۈنى بۇ يەردىكى "بۆلگۈنچىلىك" كە قارشى كۆرەشنىڭ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "3 خىل كۈچكە زەربە بېرىش" نىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلىگەن ئىدى.

گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بۇ يەردە تېخىمۇ مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت