خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆركەشتام چېگرا ئېغىزىنى قايتا ئاچتى
2005.03.29
قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۆركەشتام چېگرا ئېغىزىنى قايتا ئاچتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن ئۆركەشتام چېگرا ئېغىزىنى ئالتە كۈن تاقىغاندىن كىيىن، دۈشەنبە كۈنى ئۇنى قايتا ئاچقان. بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ سەيشەنبە كۈنى، خىتاي پۇقرالىرىنى زۆرۈر بولمىسا، قىرغىزىستانغا بارماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
قىرغىزىستاندىكى ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشى جەريانىدا يۈز بەرگەن بۇلاڭ - تالاڭ ۋەقەلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن بارغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى كۆپ زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى. ليۇ جەنچاۋ باياناتىدا، ۋەقەلەردە ئون نەچچە پۇقراسىنىڭ يارىلىنىپ، ئۈچىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ياكى مىللىتى سەۋەبىدىن نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى رەت قىلدى.
بۇنىڭ ئالدىدا فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بېشكەكتىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى جايلاشقان مەدىنە سودا بازىرىنى بۇلاڭ- تالاڭ قىلغان قىرغىز ياشلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا ھوجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەت مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. قىرغىزىستاننىڭ ئالدىنقى قارار پارلامېنتى سەيشەنبە كۈنى يېڭى پارلامېنتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ياخشىلاش چاقىرىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزلىكىدىن تارقىلىشقا قوشۇلغان. بۇنىڭ بىلەن قىرغىزىستاندىكى جىددىي پالامېنت كىرىزىسى ئاياقلاشقان.
بۇ ئارىدا، رۇسىيىگە قېچىپ كەتكەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف ئۆزىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ بىردىنبىر قانۇن بويىچە سايلانغان پرېزىدېنتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)