ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2 - چوڭ چېگرا سودا رايونى ئېچىلدى


2005-06-30
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ چوڭ چېگرا سودا رايونلىرىنىڭ بىرى، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى جېمىنەي ناھىيىسىنىڭ قازاقىستان چېگرا ئېغىزىدا ئېچىلدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، جېمىنەي چېگرا سودا رايونى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قورغاس چېگرا سودا ئېغىزىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ چېگرا سودا بازىرى ھېسابلىنىدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى - قازاقىستان سودا كېلىشىمى بويىچە، ئىككى تەرەپ پۇقرالىرى سودا رايونىغا سالاھىيەت گۇۋانامىسى بىلەن ۋىزىسىز كىرىپ چىقالايدۇ. سودا رايونىغا 10 مىڭ كىشى سىغىدىكەن. رايوندىكى قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاي توۋارلىرىغا يۆلۈنىش دەرىجىسى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر قازاقىستان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ 80 ٪ نى خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىكەن. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، جېمىنەيدىكى چېگرا سودا رايونى خىتاي توۋارلىرىنىڭ قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي توۋارلىرىغا زىيادە يۆلۈنىش، قازاقىستاننىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىسىز، دەپ ئەسكەرتمەكتە.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پات يېقىندا قازاقىستاننى زىيارەت قىلىدۇ. بىخەتەرلىك، سىياسى ۋە ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادى ۋە سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارەت سەپىرىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت