خىتاي-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇلۇشى باشلاندى
2006.06.04
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قازاقىستان چېگرىسىغا جايلاشقان قورغاس چېگرا ئېغىزىدىكى خەلقئارالىق سودا ئالماشتۇرۇش مەركىزى ھېسابلىنىدىغان خىتاي-قازاقىستان خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ خىتايغا تەۋە قىسمىدىكى قۇرۇلۇش رەسمىي باشلاندى.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى رەسمىي مەتبۇئاتى ھېسابلىنىدىغان" تەڭرى تاغ" تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر قازاقىستان-خىتاي چېگرا ھالقىغان سودا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى تۆت يېرىم كۋادرات كىلومېتردىن ئارتۇق بولۇپ، خىتاي تەرەپتىكى قىسىمى ئۈچ يېرىم كۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىدا ئىكەن، مەركەزنىڭ ئاساسىي قىسىمى خىتاي تەۋەلىكى ھەم كونتروللۇقىدا بولىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن ئىككى تەرەپ سودىگەرلىرى ۋە پۇقرالىرى بۇ جايدا ئەركىن پائالىيەت قىلالايدىكەن. ماللارغىمۇ ئەركىن ئېلىپ كىرىش ۋە ئېلىپ چىقىش ھوقۇقى بېرىلىدىكەن، 8000 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن باھادىكى مالدىن باج كەچۈرۈم قىلىنىش بېكىتىلگەن بولۇپ، بىر قاتار پايدىلىق سىياسەتلەر بەلگىلەنگەن ئىكەن.
قورغاس چېگرىسىدىكى مەزكۇر خەلقئارا ھەمكارلىق مەركىزىنى ئۆتكەن يىلى قازاقىستان رەھبىرى نازاربايېۋ ئىلىنى زىيارەت قىلغاندا كۆزدىن كەچۈرگەن ھەمدە ئۆتكەن يىلى خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ قازاقىستاننى زىيارەت قىلغاندا ، بۇ كېلىشىمگە قول قويۇلغان ئىدى.
قورغاستىكى مەزكۇر خەلقئارالىق مەركەزنى تەسىس قىلىش ئەمەلىيەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەر بىردەك ھالدا ئۇنى قوللىغان ئىدى.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نيۇبرىج كاپىتال گۇرۇھى گۇاڭخۈينىڭ 200 مىليون دوللار پاي چېكىنى سېتىۋالماقچى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 150 تۈر بويىچە سودىگەر چاقىرىش پىلانىنى ئېلان قىلدى
- تۇمشۇق شەھىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش سۈرىتى تىزلىتىلمەكتە
- ئىلى دەريا ۋادىسىنى ئېچىشقا 12 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان
- قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرىسىدا ئۈچىنچى چېگرا بازىرى ئېچىلماقچى