خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىدى


2005.03.25

خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئاقايېۋنى ئاغدۇرۇۋېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىدى. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىستانغا چىقىدىغان چېگرا ئېغىزلىرىنى 23 - مارتتىن 28 - مارتقىچە ۋاقىتلىق تاقىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، " قىرغىزىستاندىكى قالايمىقانچىلىق شۇنداقلا يولۇچىلار ۋە يولۇچىلار مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق سەۋەپلەردىن ئۆركەشتام چېگرا ئېغىزىنى ۋاقىتلىق تاقىغان." بىراق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باشقا چېگرا ئېغىزلىرى ئادەتتىكىدەك ئوچۇق تۇرۇدىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، جۈمە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنى يېقىندىن دىققەت كۈزۈتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئۇزۇن - مۇددەتلىك مۇقىمسىزلىقى ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رايوندىكى تەسىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي تاموژنىسىدىكى دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقى پەسىل ئىككى دۆلەت سودىسىنىڭ ئەڭ چاپ - چاپ مەزگىلىگە توغرا كەلگەنلىكتىن، چېگرا ئېغىزىنى تاقاش ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يامراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قىرغىزىستان 1100 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئورتاق چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.