بېرىتانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى - ب ب س نىڭ خىتايدا ئاشكارە تارقىلىتىلىدىغان "جوڭگو ھەپتىلىك خەۋەرلىرى" پروگراممىسىدا، جۈمە كۈنى تارقىتىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىدى.
"جوڭگو ھەپتىلىك خەۋەرلىرى" پروگراممىسى بويىچە، ب ب س مۇخبىرى جۈمە كۈنى قەشقەر شەھىرىدىن مەخسۇس پروگرامما يوللىغان. پروگراممىدا مۇخبىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، مەدەنىيىتى، تارىخى ، تۇرمۇشى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتى كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. پروگراممىدا مۇخبىر، " ئۇيغۇرلار خىتايلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان مىللەت. ئۇلار كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ۋەتىنى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە،" دەپ چۈشۈندۈرىۋاتقاندا پروگرامما تۇيۇقسىز ئۈزۈۋېتىلگەن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ب ب س مۇخبىرى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن "جوڭگو ھەپتىلىك خەۋەرلىرى" پروگراممىسىنىڭ كاشىلىغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ب ب س مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرلىك توسقۇنلۇققا ئۇرىغانلىقىنى تەنقىدلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بېرىتانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن تۈزگەن كېلىشىم بويىچە، ب ب س نىڭ خىتايدا "جوڭگو ھەپتىلىك خەۋەرلىرى"پروگراممىسىنى ئاشكارە تارقىتىشىغا قوشۇلغان.(ئەركىن)