10 ئوقۇغۇچى ئەنگىلىيە، كانادا دۆلەتلىرىدىكى 39 ئالىي مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى
2007.06.28
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 10 ئوقۇغۇچى تۇنجى قېتىم، ئەنگىلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 39 ئالىي مەكتەپنىڭ رەسمىي قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇ 10 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرسى بىردىن ئارتۇق مەكتەپلەردىن چاقىرىق تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇلار شۇ چاقىرىق كەلگەن مەكتەپلەردىن بىرنى، ئارزۇلىرى بويىچە، تاللىۋېلىش ھوقۇقى بار ئىكەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 28 - ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بۇ ئوقۇغۇچىلار ئەگەر ئەنگىلىيە ۋە كانادادىكى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنسا ئۇلارغا 1000 فوندستېرلىڭدىن 3000 فوندستېرلىڭغىچە ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلىدىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن يەنە 100مىڭ يۈەنلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ، چەتئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بىۋاستە قوبۇل قىلىنىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش ھېسابلىنىدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئون ئوقۇغۇچى ئۈرۈمچىدە ئەنگىلىيە كامبىرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى تۈزۈلگەن دەرسلىكىنى تاماملىغان بولۇپ، مەزكۈر دەرسلىك دۇنيادا ئەڭ كەڭ قوللىنىدىغان ئاساسىي مائارىپ سېستىمىسى ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ بىلدۈرىشىچە، گەرچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، چەتئەللەردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشنى كۆپ ئارزۇ قىلسىمۇ، كۆپ ھاللاردا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملار تۈپەيلى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدىكەن. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، چەتئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش دەرىجىسىگە يەتسىمۇ ، بىراق مائارىپ ئورگانلىرى ساننى مونوپول قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرىدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش تەنقىدكە ئۇچرىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىن ئالىي مەكتەپكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن
- مائارىپ نازارىتى جىگەر ياللۇغىغا گىرىپدار بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشتىن ھەيدىگەنلىكىنى ئاقلىدى
- ئۈرۈمچى 15 - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى يۇرتىغا قايتۇرۇلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 65٪ كە يەتكەن
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى
- ئاز سانلىق مىللەت مېدىتسىنا خادىملىرى ئامېرىكىغا ئۆگىنىشكە كەلمەكچى