خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ چوشقا بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ چوشقا بېقىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قۇرۇلۇش تۈرىگە مەبلەغ سېلىشنى باشلىغان بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ھەر يىلى 10 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ مەخسۇس چوشقا بېقىش تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن.

تەڭرىتاغ تورىدا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ پىكرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە چوشقا بېقىش بازىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان رايونلارنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىپ بولغان بولۇپ، بۇلار ئاساسەن، سانجىنىڭ شەرقى قىسمى، قۇمۇلنىڭ شىمالى، تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى رايونلار، ئىلى ۋادىسى، تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى رايونلار، كورلا شەھىرى، ئاقسۇ ۋە قەشقەر ۋىلايىتىگە جايلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر يۇقىرىقى رايونلاردا كۆلەملىك چوشقا بېقىش فېرمىلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشى، باقمىچىلىق رايونلىرى، تۆل ئېلىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشلىرى ئاللا بۇرۇن باشلىنىپ بولغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاساسىي ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ، دىنىي ئۆرپ ‏- ئادەت قويۇق تۈس ئالغان ئۇيغۇر ئېلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوشقا بېقىش بازىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشى، مەزكۇر رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ۋە تۇرمۇش ئۆرپ ئادەتلىرىگە قىلغان چوڭ ھاقارەت بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى كەڭ ئۇيغۇر ئىلى جامائىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە چوشقا بېقىش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، مەزكۇر رايوندىكى مۇسۇلمان ئاممىنىڭ تۇرمۇش ۋە دىنىي ئۆرپ ئادىتىگە قاتتىق ھاقارەت قىلدى. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بېرىپ تاقىلىدىغان بۇ قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك." (جۈمە)