ئىلى كۈندىلىك گېزىتىنىڭ -21 يانۋاردىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئىلى ئوبلاستىدا ھۆكۈمەت ھەمدە ساقچى دائىرىلىرى بىرلىكتە ، ئوبلاست بۇيىچە ئۈچ خىل قانۇنسىزلارنى تازىلاش ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ ،دائىرىلەرنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز كىرگۈچىلەر، قانۇنسىز تۇرغۇچىلار، قانۇنسىز ئىشلىگۈچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ خىل ئۈچنى تازىلاش ھەرىكىتىدە 19 چەتئەللىك قولغا ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە ، ئۇلارنىڭ 17 نەپىرى «قانۇنسىز تۇرغان»، يەنە ئىككى نەپىرى «قانۇنسز ئىشلىگەن» دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىنغان بولۇپ بىر تەرەپ قىلىنىشنى كۈتمەكتە ئىكەن.
ئىلى ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن يەنىمۇ ئېنىقلىنىشىچە، يېڭى يىل كىرىشتىن بۇرۇن ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرى -2008 يىللىق ئولىمپىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بارلىق مەھەللە - كومىتىت ، ئولتۇراق رايونلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ساقچى ۋە كادىرلارنى ئىشقا سېلىپ ، سىياسىي مەقسەتلىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىلى تەۋەسىگە يوشۇرۇن كىرگەن، مېھمانخانا، ئائىلىلەردە تۇرۇپ، يەنى ساقچى ئورۇنلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرماي ياشاۋاتقان ، رۇخسەتسىز دەرس ئۆتۈۋاتقان يەنى قانۇنسىز ئىشلەۋاتقان چەتئەللىكلەرنى قاتمۇ - قات توساقلار بىلەن ئاختۇرۇپ تازىلاش ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ ئىش باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ ئۈچنى تازىلاش ھەرىكىتى ئۈچۈن مەخسۇس 260ئادەم كۈچىنى ئىشقا سالغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى مەزكۈر ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان بولۇپ ، سەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، رادىئومىز باشلىق ھەر قايسى خەلقئارالىق ئاخبارات ئورۇنلىرىغا بايانات بېرىپ «خىتاي دائىرىلىرى ھەر يىلى ئىلى ۋەقەسىنىڭ خاتىرە كۈنى ھارپىلىرىدا مۇشۇ خىل باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىپ كەلگەن ، بۇ قېتىم بولۇپمۇ -2008 يىللىق ئولىمپىكنى ئامان - ئىسەن ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش باھانىسىدا ئاتالمىش ئۈچنى تازىلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشى، بۇ جايدا سىياسىي سەرگۈرلۈكنى ئاشۇرۇش يەنى ئىلى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بۇ زېمىندا بىرەر ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە چەتئەلنىڭ ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئىلى ۋەقەسى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەقىقدە توغرا مەلۇماتلارنى ئىگىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان . بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك باھانىسىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمنى كۈچەيتكەندىن باشقا، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق بوغۇۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى» دەپ بىلدۈردى.