دانىيىلىك سەنئەتچى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى دانىيىگە تەكلىپ قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.16
2008.04.16
دانىيە تور گېزىتى " كوپىنھاگېن پوچتىسى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەنسېن دانىيە "پولىتىكان " گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، رادىئودىن مەزكۇر لاگىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇناھسىز، دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى ئالىدىغان بىرەر دۆلەت چىقمىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىدە ئۇلارنى سەنئەت پروگراممىسىغا قاتناشتۇرۇش ئويى تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەنسېن بۇ پىلاننى تىبەتتىكى يېقىنقى داۋالغۇشلار ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دۇنيادا زور غۇلا - غۇلا قوزغاۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، " بۇ، سىياسەتچىلەرنىڭ مەسىلە بىلەن يۈزلىشىش شۇنداقلا ئۇلارغا ' سىلەر كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىبەت مەسىلىسىنى سۆزلەۋاتىسىلەر، لېكىن گۈەنتانامودىكى ئاشۇ بىگۇناھ كىشىلەرچۇ؟ ' دەپ سوراشنىڭ ياخشى مەزگىلى".
گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ، لېكىن دانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىگە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلماقتا ئىدى. توربېن خەنسېن، يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى سەنئەت پروگراممىسىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. لېكىن ئۇ، "ئەگەر مەن ئەقلىمنى ئىشلىتىپ بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئېلىپ بېرەلىسەم، بۇ بىر مۇنازىرە قوزغىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن مەن ئىپتىخارلىنىمەن " دەيدۇ.