ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن دارۋاز ئەسقەر، خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى چىيۈئەن ۋاڭۋۇ مەنزىرە رايونىدىكى ئىككى چوققىغا تارتىلغان دار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسەتكەن. دارنىڭ ئۇزۇنلىقى 700 مىتېر ، يەر يۈزىدىن ئىگىزلىكى 200 مىتېر كېلىدىكەن.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى 18 - ئاپرىل بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەسقەر دار ئۈستىدە تىز يۈگرەش ۋە يەرگە چۈشمەي 40 كۈننى دار ئۈستىدە ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك جىنىس دۇنيا رېكورتى يارىتىش سەپىرىنى باشلىغان.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ روھى ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ نەتىجە قازىنىشقا ئىشەنچىسى كامىل ئىكەن.
ئۇ 700 مىتېرلىق مۇساپىنى 17 مىنۇت ئىچىدە تاماملىغان ۋە دار ئۈستىدە قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ھەر تۈرلۇك ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ شۇ جايدىكى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرغان. (جۈمە)
©
2007 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن "ئارقان ئۈستىدە" ناملىق فىلىم نورۋېگىيىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى
- ئۇيغۇر دارۋاز پادىشاھى ئادىل ھوشۇر يەنە شان-شەرەپ قازانغۇسى
- جورجىتاۋن ئۇنىۋېرستېتىدا ئۇيغۇر دارۋازچىلىقىغا دائىر ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى
- ئاتاقلىق ئۇيغۇر دارۋاز ئادىل ھوشۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- "پەلەك شاھى" تورونتودىكى خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا