ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېزا - كەنت داۋالاش ھەمكارلىق فوندى تۈزۈمى ئومۇملاشتۇرىلىدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن يېقىندا چاقىرىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا خىزمەت يىغىنىدا، يېزا - كەنت داۋالاش فوندى تۈزۈمىنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇملاشتۇرۇش يوليورۇقى بەردى. ئەمما ئۇ، داۋالىنىش ھەققى قىممەت بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ چارە - تەدبىر تېپىشىنى تەلەپ قىلغان.

" شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېزا - كەنت داۋالاش فوندى تۈزۈمى ھازىرغىچە ئاپتونوم رايوندىكى 53 ناھىيە - شەھەردىكى بەزى نۇقتىلاردا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان بولۇپ، ۋاڭ لېچۈەن بۇ تۈزۈمنىڭ 2007 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان. " شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى"نىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېڭى تۈزۈم بويىچە دىھقانلارنىڭ داۋالاش فوندىغا تۆلەيدىغان يىللىق پۇلى 50 سوم بولۇپ، بۇنىڭ 20 سومىنى دۆلەت تۆلەيدۇ، 20 سومىنى ئاپتونوم رايون چىقىرىدۇ، ،10سومىنى دېھقانلار ئۈستىگە ئالىدىكەن.

ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، بۇ تۈزۈمنى ئۆتكۈنچى بىر چارە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە. يىغىندا ۋاڭ لېچۈەن، قوشۇمچە ياردەم پۇلىنىڭ سانى چەكلىك بولغانلىقتىن داۋالىنىش ھەققى قىممەت بولۇشتەك ئەھۋالنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. دىھقانلارنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پۇقرالار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە. مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، داۋالىنىش ھەققىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمەيدىغان نۇرغۇن دېھقانلار، ئۆلۈمنى كۈتۈشكە مەجبۇر بولماقتا.

ۋاڭلېچۈەن،" چەكلىك قوشۇمچە ياردەم پۇلى داۋالىنىش قىممەت بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ھەل قىلالمايدۇ،" دەيدۇ. ئەمما ئۇ، قوشۇمچە ياردەم پۇلى داۋالىنىش ھەققىنى تۆلەشكە يەتمەيدىغان بۇ ئۇسۇلنى نېمە ئۈچۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇملاشتۇرۇش يوليورۇقى بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. ئۇ، ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ كۆپرەك كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى يەرلىك دائىرىلەرگە يۈكلىمەكتە. ئۇ، ئالاقىدار تەرەپلەر بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپرەك تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ھەل قىلىش چارىسى تۈزۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. (ئەركىن)

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org