ئۇيغۇر داۋاز ئابلەت مەجنۇن 9 -ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 8 -كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا غەلىبىلىك ھالدا 7 تۈرلۈك جېنىس رېكورتىنى يارىتىپ، شەنبە كۈنى بوشلۇققا تارتىلغان پولات سىمدىن تەنتەنە بىلەن قايتىپ چۈشتى.
شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئارتىستى ئابلەت مەجنۇن، بوشلۇقتا تارتىلغان پولات سىمدا توپتوغرا 38 كۈن ياشاپ، بۇ جەرياندا ئۇ 7 تۈردە ماھارىتىنى كۆرسىتىپ جېنىس رېكورتىنى قولغا كەلتۈردى. بۇلار ئاساسلىقى، پولات سىمدا 2 سائەتتىن ئارتۇق ئوڭدا يېتىش، سىمدا 4000 مېتىردىن ئۇزۇن مۇساپىنى كۆزى ئېتىك ئەھۋالدا مېڭىپ ئۆتۈش، پولات سىمدا 13 سائەتتىن ئوشۇق ۋاقىت ماھارەت كۆرسىتىش شۇنداقلا سىمدا تۇرۇپ راۋاپ بىلەن مىللىيچە 12 ناخشا ئېيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئابلەت مەجنۇننىڭ بۇ ماھارىتى ئۈرۈمچىدىكى سۇ ئۈستى باغچىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇنى كۆرۈشكە كەلگەنلەرنىڭ سانى 500 مىڭدىن ئاشقان.
خىتايدا جېنىس رېكورتى ئەنگلىيەدىكى جېنىس باش شىتابىنىڭ شاڭخەيدىكى ۋاكالەتچى ئورنى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. مەزكۈر ئورۇننىڭ تەكشۇرىشىگە ئاساسلانغاندا، 1995 - يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇيغۇر رايونىدا 50 كە يېقىن تۈردە جېنىس رېكورتى يارىتىلغان بولۇپ، ئۇ غەربىي شىمالدىكى 5 ئۆلكىنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. (پەرىدە)