خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلارنىڭ كىرىمى ھەسسىلەپ ئاشتى دەپ كۆرسەتمەكتە
2004.11.23
شىنجاڭ ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم پەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى 1486 يۈئەنگە يەتكەن بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئىلگىرىكىدىن ھەسسىلەپ ئاشقان.
تەڭرى تاغ تور بېتىنىڭ 23 - نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دېھقانلار كىرىمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، بولۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا قاراتقان باجنى كەمەيتىش سىياسىتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشىغا يول ئاچقان ئىكەن.
بىراق، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋيەسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خەۋەرگە تامامەن ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىستانسىمىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندىمۇ، گەرچە ھۆكۈمەت، دېھقانلارغا قارىتىلغان باجنى تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ، دېھقانلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)