نامرات دېھقانلارنىڭ ھالى ياخشىلاندىمۇ؟
2005.01.25
خەلقئارا جامائەتچىلىك، خىتايدىكى باي ۋە نامراتلىق پەرقىنىڭ يىلسىرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي مەتبۇئاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەنتلەر بويىچە يولغا قويۇلغان ئېچىش شەكىلدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئىستراتېگىيىسىنىڭ نامرات ئائىلىلەرگە ھەقىقىي نەپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي خەۋەرلىرىدە، 2004 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە نامراتلارنى يۆلەش تۈرىگە 600 مىليون يۈئەندىن كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىلغانلىقى ھەمدە 540 نامرات كەنتنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش پەيدا بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خەۋەرلەردە يەنە، نامرات كەنتلەردىكى سۇ، ئېلېكتىر، تېلېفون، رادىئو ۋە تېلېۋىزور بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى دېيىلگەن. بىراق، ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسىدىن كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلار سۇ، ئېلېكتىر تېلېفون پۇللىرىنى تۆلىيەلمەي تېخىمۇ نامراتلىشىۋاتقان ئىكەن. (ئەقىدە)