خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سېلىقىنى تېخىچە يېنىكلەتمىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2003 ‏- يىلى دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنمۇ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سېلىقى تېخىچە يېنىكلىمىگەن.

يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 10 ‏- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 ‏- قېتىملىق يىغىنىدا خوتەن ناھىيىسى تەۋەككۈل يېزىسى تۈز يايلاق تەرەققىيات رايونىدىن سايلانغان خەلق ۋەكىلى روزى ئەمەتنىڭ قىلغان سۆزى بىلەن ئېيقاندا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا كېرەكلىك بولغان ئەشيالارنىڭ باھاسى يىلدىن - يىلىغا ئۆرلەپ كېتىۋاتىدۇ. 2003 ‏- يىلى بىر خالتا خىمىيىۋىي ئوغۇتنىڭ خوتەندىكى باھاسى 100 يۈەن بولسا، 2007 ‏- يىلىغا كەلگەندە 165 يۈەنگە ئۆرلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىدىغان پىلاستىك يوپۇق، ئۇرۇقلۇق قوناق ۋە چىگىتنىڭ باھاسىدىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بار. ئەمما دېھقانلار ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ئاشلىقنىڭ باھاسىدا ئانچە ئۆزگىرىش بولمىغان. (ۋەلى)