ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دائىرىلەر دېلوڭ ۋەقەسىنى "مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغان"


2005.02.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي مەتبۇئاتلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بانكىلارنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ دېلوڭ شىركىتىنىڭ مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇل - مۇئامىلە بازىرىدىكى بوران چاپقۇننى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېلوڭ ۋەقەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جىنشىن كرىدىت ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى قاتارلىق پۇل - مۇئامىلە ئورگانلىرىغا قاتتىق تەسىر قىلغان. "شىنجاڭ گېزىتى"، ئاپتونوم رايونلۇق بانكىلارنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ پۇل - مۇئامىلە بازىرىدىكى داۋالغۇشنى پەسەيتىش ئۈچۈن بەزى چارە - تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ تەدبىرلەر دېلوڭ گۇرۇھىدىكى ئاكا - ئۇكىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرنىڭ پۇل - مۇئامىلە پائالىيىتىنى تەقىپ قىلىش، شىركەت ھەسسىدارلىرىنىڭ پۇل ۋە تاپاۋىتىنى قايتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دېلوڭ شىركەتلەر گۇرۇھى قانۇنسىز قەرز ئېلىش ۋەقەسىگە چېتىلىپ قېلىپ، 2004 - يىلى 4 - ئايدا ۋەيران بولغان. دېلوڭ ۋەقەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پۇل- مۇئامىلە بازىرىدىكى داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

دېلوڭ مەسىلىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدىكى 2 - چوڭ ۋەقە. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ قولماق شىركەتلەر گۇرۇھى باش مۇدىرى ئەكرەم ئەيسايوپنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىپ، ئۇنىڭ رۇخسەتسىز كېتىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم دېلوڭ شىركىتى قانۇنسىز قەرز ئېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.