ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلارنىڭ يېرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە دائىر يېڭى بەلگىلىمە چىقتى
2004.10.21
ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ئاستىدا، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق دۆلەت زىمىن بايلىقى نازارىتى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشنى تەرتىپكە سالىدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى.
" شىنجاڭ ئىقتىسادى گېزىتى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى بەلگىلىمىدە، دېھقانلارنىڭ يېرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشتە چوقۇم ئالدىن ئۇقتۇرۇش، يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى يەر- زىمىن تۆلەملىرىنىڭ بېرىلىشىنى نازارەت قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن تېرىلغۇ يەرلەرنى بىكار تاشلاپ قويماسلىق ۋە خالىغانچە ئۆي- زىمىن سودىسى ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىك قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.
" يېزىلاردىكى يەر- زىمىننى يۆتكەپ ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش خىزمەت لاھىيىسى" دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەگەر دېھقانلارنىڭ يەرلىرى يۆتكەپ ئىشلىتىلگەندىن كىيىن داۋاملىق تۈردە يېزا- ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن قوللىنىلسا، دېھقانلارغا باشقا جايلاردىن ھەقسىز ھالدا تېرىلغۇ يەر ۋە زىمىن بۆلۈپ بېرىلىدىكەن. دېھقانلارغا يېڭى ماكانغا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، نوپۇسقا ئېلىش ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىقى جەھەتلەردىن ئېتىبار بېرىلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلى يېزىلىرىدا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە چىرىك ئەمەلدارلار دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى قالايمىقان تارتىۋېلىپ، ئۇلارغا تىگىشلىك تۆلەم بەرمەيدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، بىراق بۇ بەلگىلىمە بىلەن دېھقانلارنىڭ يەر ھوقوقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)