خىتاي ھۆكۈمىتى كېلەر يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانچىلىق بېجىنى بىكار قىلماقچى


2004-11-02
Share

ئۇيغۇر ئېلى تەڭرىتاغ تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2005 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 30 نامرات ناھىيىسى ۋە 15 چېگرا ناھىيىلىرىدە دېھقانچىلىق بېجىنى بىكار قىلىدىكەن.

بۇ قارار دۈشەنبە كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پارتكومىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنىنىڭ 8 - قېتىملىق يىغىنىدا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىش ھەققىدىكى قارارى، نامرات يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ باج سېلىقىنى يېنىكلىتىش ھەققىدە چىقارغان ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى قارارى ھېسابلىنىدۇ.

رادىئومىزغا دېھقانلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىغا قارىغاندا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلارنىڭ تاپشۇرىدىغان باجلىرى ئون نەچچە خىل بولۇپ، بەزىلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن باجلار بولسا يەنە بەزىلىرى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقىرىۋالغان سېلىقلىرى بولغاچقا دېھقانلار يىل بويى ئىشلەپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن ناھىيىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى تېخى 1000 يۇئەنگە يەتمىگەن.(گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت