دىلشات رىشىتنىڭ ئايالى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىدى
2005.06.08
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئايالى مېھرىبان گېرمانىيىدىن بېيجىڭغا بارغاندا خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان. شۇنداقلا خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋېلىپ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسىدە نەزەربەنتكە ئالغان. يېقىندا مېھرىبان يوشۇرۇن ھالدا خوڭكوڭ ئارقىلىق گېرمانىيىگە كېلىۋالغان.
تەيۋەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مېھرىبان 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى گېرمانىيىدىن بېيجىڭ ئايرۇپىلان ئىستانسىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر نەچچە پۇقراچە كىيىنگەن خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئۇنى ئۇدۇل بىر مېھمانخانىغا ئېلىپ كېتىپ، بىر ھەپتىگىچە ئۇنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسەت-مۇددىئالىرىنى سۈرۈشتە قىلغان.
بىر ھەپتىدىن كېيىن، بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ، ئائىلىدە نەزەربەنتكە ئالغان. كېيىن مېھرىبان باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئالغان يالغان پاسپورت ئارقىلىق 6 ياشلىق قىزىنى ئېلىپ خوڭكوڭغا قېچىپ چىققان ھەمدە ئۇ يەردىن گېرمانىيىگە تىنچ-ئامان چىقىۋالغان. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ھىندىستان دائىرىلىرى بىر ئۇيغۇر مۇساپىرىنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلدى
- رابىيە قادىر سودا سارىيىدىكى ئىككى نەپەر خادىم تۇتقۇن قىلىندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى شاياردىكى بىر ئايال مۇددەرىسىنى قولغا ئالدى
- تەجرىبە ئوتتۇرىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى خەتەرلىك ماددىلارنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن سۈرۈشتۈرۈلگەن