10 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق ئۇسۇلچىسى، مەملىكەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك سەنئەتكار دىلنار ئابدۇللا نامىدا "دىلنار ئەدەبىيات- سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى" قۇرۇلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر فوندى جەمئىيەت شەخس نامىدا قۇرۇلغان تۇنجى سەنئەت فوندى ھېسابلىنىدىكەن.
دىلنار سەنئەت فوندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى باشقۇرۇشىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات -سەنئەت ئىجادىيىتى، نەزىرىيىۋىي تەتقىقاتى ۋە تالانت ئىگىلىرى ھەمدە ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، قىيىنچىلىقى بار سەنئەت ئۆگەنگۈچىلەرگە ياردەم بېرىش شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجرۇھ ھەمدە يېتىم بالىلارغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەزكۇر فوندى جەمئىيەت يەنە مۇنەۋۋەر سەنئەت ئەسەرلىرى ھەمدە سەنئەتكارلارغا مۇكاپاتمۇ تەسىس قىلغان.
فوندى جەمئىيەتنى قۇرۇش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى دىلنار ئابدۇللا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە " مېنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى نام - شەرىپىم ھەمدە جەمئىيەتتىكى تەسىرىمنىڭ تۈرتكىسىدە مۇشۇ فوندىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاممىنىڭ قوللىشىغا ھەمدە ساخاۋەتلىك ياردەملىرىگە ئېرىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش، ئاممىۋى مەدەنىيەت -سەنئەت مۇلازىمىتىدە يەنىمۇ تۈرتكىلىك رول ئويناش ئارزۇيۇم بار " دەيدۇ.
مەزكۇر فوندى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى بىلەنلا ئون نەچچە شىركەت ھەم ئورۇنلارنىڭ بەس - بەستە ئىقتىسادى ياردىمىگە ئېرىشكەن. دۇنياغا تونۇلغان يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇسمۇ فوندىغا ياردەم قولىنى سۇنغان ساخاۋەتچىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. (گۈلچېھرە)