خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىماملارغا بىرىنجى تۈركۈمدە ئېلىپ بارغان "ۋەتەنپەرۋەرلىك" تەربىيىسى پەيشەنبە كۈنى تاماملاندى.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بويان، خىتاي ھۆكۈمىتى بىرىنجى تۈركۈمدە 10 قارار كۇرس ئېچىپ، جەمئى 7465 نەپەر ئىمامنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسەت ۋە ئىدىلوگىيىسى بىلەن تەربىيىلەپ چىققان.
خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي كومىنىستىك ھۆكۈمىتى ئىماملارنى تەربىيىلەشتە، سىياسىي تەربىيىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ھەر بىر قاراردا ئىماملارغا "خىتاي كومپارتىيىسى 16 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىي" قاتارلىق تېما بويىچە 13 قېتىملىق سىياسى دەرسلىك، "قورئان كەرىم" نىڭ ئايەتلىرىگە قانداق تەبىر بېرىش ھەققىدە 12 قېتىملىق دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرغان.
خىتاي دائىرىلىرى خەۋەردە يەنە، "ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىملىق ئىماملارنى تەربىيىلەش خىزمىتى جەريانىدا، دىنىزاتلارنىڭ مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئېڭى ئۆستى" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىماملارغا 2001 - يىلىدىن باشلاپ سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئەيىپلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ يىل 7 - ئايدا چىقارغان دوكلاتىدا، ئىماملارغا سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە كۆرسەتكەن. (ئارزۇ)