خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترۇل قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى


2004.11.02

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىكومى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيىلىرىگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي پائالىيەتچىلەرگە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېرىشكەن مەزكۇر ئۇقتۇرۇش مەزمۇنىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي سورۇنلارنى قاتتىق نازارەت قىلىش، يىلدا تەكشۈرۈپ تۇرۇش، قانۇنىي تىزىمغا ئالدۇرۇش، دىنىي زاتلارغا ۋە دىنىي ئورۇنلارنى شەرتلەرگە ئاساسەن مۇكاپاتلاش قاتارلىق بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق دىنىي سورۇن ھەم دىنىي زاتلارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەندىن باشقا، دىنىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنىمۇ مەزكۇر چەكلىمىلەر ئارقىلىق كونترول قىلىشنى كۈچەيتىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي پائالىيەتلەرگە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر پەيتتە، ھەر قايسى ساھەدىكى دىنىي زاتلارنى كوممۇنىزم ئېڭىدا تەربىيىلەش، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس كۇرۇسلارنى ئېچىپ تەربىيىلىگەن.

مۇخبىرلىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا يۈزىنى ياپقان ئاياللارنىڭ ياغلىقىنى مەجبۇرى ئاچقۇزىۋېتىدىغان، ئىسلام مۇرتلىرىنىڭ ساقال- بۇرۇتلىرىنى مەجبۇرى چۈشۈرۋېتىدىغانغا ئوخشاش دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى ئېغىرلىماقتا.(گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.