خىتاينىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئەل-جامائەت ئارىسىدا ئىناۋىتى بار 150 نەپەر دىنىي زاتنى يىغىۋېلىپ تەربىيىلەش ئېلىپ بارغان. ھەمدە ئۇلارغا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئىلى ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىدى دېگەن ئۇقۇمنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئىيىتقانلىرىغا قارىغاندا، بۇ دىنىي زاتلار ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى سىياسى مەكتەپكە يىغىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇلار بۇ يەردە 50 كۈن تەربىيلىنىدىكەن.
دىلشات رىشىت يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئاقسۇ ۋىلايىىتىنىڭ كۇچا، شايار ۋە توقسۇ قاتارلىق ناھىيەلىرى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار بولۇپ، بۇ جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ. شۇڭا خىتاي بۇ جايلاردىكى دىنىي زاتلارنى يىغىۋېلىپ مەخسۇس تەربىيىلەش ئىلىپ بارغان، دەيدۇ.
دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىنىي زاتلارغا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا بىسىم ئىشلىتىشى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۈز قىلغانلىق بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشىنى كىرەك ئىكەن. دىلشات رىشىت يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۈنۈگۈن ئىلان قىلغان "دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى ' دا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن باستۇرۇش ئىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى مەسىلىسىنى ئۆزگەرتىشى كىرەك دېدى. (جۈمە)
خىتاينىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئەل-جامائەت ئارىسىدا ئىناۋىتى بار 150 نەپەر دىنىي زاتنى يىغىۋېلىپ تەربىيىلەش ئېلىپ بارغان. ھەمدە ئۇلارغا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئىلى ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىدى دېگەن ئۇقۇمنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتكەن.
- خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي ھەم دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چىڭسىخوزا بازىرىدا ساقچىلار خرىستىئان مۇرىتلىرىنى تۇتۇپ كەتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي زاتلارنى ئۆز خائىشى بويىچە تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر خرىستئان مىسيۇنىرى قولغا ئېلىندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى رامىزان ئېيىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىرىنى چەكلىدى