خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئەركىنلىكنى بوغىۋاتىدۇ

ئىنگلىزچە چىقىدىغان "جەنۇبىي خىتاي ئەتتىگەنلىك گېزىتى" چارشەنبە كۈنى نايلىن چوۇنىڭ (Nailene Chou) نىڭ قەشقەردىكى زىيارىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە يازغان بىر پارچە ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ بېشىدا قەشقەردىكى ھېيتكاھ مەسچىتى قاتارلىق قەدىمىي جايلار ۋە نۆۋەتتىكى قەشقەر كۆرۈنۈشلىرىنى سۈپەتلەپ كېلىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق خىلدىكى دىنىي پائالىيەت ياكى قارشىلىقلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرىلىدىغانلىقىنى يازغان.

ماقالىدا يەنە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىكنى شۇنداق كونترول قىلسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە يەنىلا يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەرنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، "قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" نىڭ بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

جەنۇبىي خىتاي ئەتتىگەنلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەنلىكى شۇنداقلا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ دىنىي ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى يېزىلغان. (پەرىدە)