خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتىدۇ


2005.04.11

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى بىرلىكتە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلگۈنچىلككە ۋە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، 114 بەتلىك مەزكۇر دوكلات خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلىمىغان مەخپىي ھۆججەتلىرىگە، ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان يېڭى قانۇن ۋە بەلگىمىلەرگە، خىتاي مەتبۇئاتىدا چىققان خەۋەلەرلەرگە شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرگە ئاساسەن تەييارلانغان ئىكەن .

دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى، بۇ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئەركىنلىك، جەمئىيەت قۇرۇش ئەركىنلىكى، يېغىلىش ئەركىنلىكى ۋە سۆزلەش ئەركىنلىكىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇرىۋاتقانلىقى پاكىت - ئىسپاتلار بىلەن ئاشكارىلانغان .

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى براد ئادامس، خەلقئارا تېررورچىلىقنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىش ئۈچۈن خىتايغا ناھايىتى ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتايلار كۈنسېرى ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولىۋاتقان بىر پەيتتە، دىننى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كۆپ باستۇرۇش ئۈچۈن بىر ۋاسىتە قىلىپ ئىشلەتمەكتە، دېدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.