خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇش جەريانىدا ئۆلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ "شەرەپلىك" قۇربان بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى


2005.07.15

خىتاي كومپارتىيىسى، دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى بوغقانلىقى ئۈچۈن دىندار ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىكى كەنت كادىرى مەتسالىخان ئەخمەتنى " شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان" ئۈلگىلىك كومپارتىيە ئەزاسى، دەپ ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى 1990 - يىللاردىن بېرى بېيجىڭپەرەس دىنىي زاتلارغا سۈيىقەست قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە ئىدى. ئەمما مەتسالىخان ئەخمەت، قاراقاش ناھىيىسىدىكى پۇقرالارنىڭ مەسچىت سېلىپ، دىنىي - ئىبادەت ئەمىرىنى ئورۇنلىشىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن.

"شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 52 ياشتىكى مەتسالىخان ئەخمەت قاراقاش ناھىيىسىدىكى بىر كەنتنىڭ پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ، كەنتتىكى پۇقرالارنىڭ مەسچىت سېلىشىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر كەنتتىكى ئىككى ئۇيغۇر تەرىپىدىن بۇ يىل 2 - ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ زۇۋانى "شىنجاڭ گېزىتى"، جۈمە كۈنى مەتسالىخان ئەخمەت توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلدى. "شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەتسالىخان ئەخمەت بىلەن بىرگە، شۇ كەنتنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسۇل خادىمىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن. ئەمما "شىنجاڭ گېزىتى" بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن قانچىلىك كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى شۇنداقلا مەتسالىخان ئەخمەتنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا توختالمىدى.

خىتاي ئاساسى قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىگە ئىگىلىكى تەكىتلەنگەن، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالاقنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلەنمەتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.