ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرى قەشقەرنى زىيارەت قىلدى
2005.08.21
ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 3 كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان قەشقەرگە كەلدى. ئۇلار بۇ يەردە ھېيتگاھ مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە مەسچىت ئىماملىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋەكىللىرى بۇ يەرگە، قەشقەردىكى ئۇيغۇر ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يەرلىك ۋاقىت سائەت 3 لەردە كېلىپ، مەسچىت ئىچىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە مەسچىت ئىماملىرىدىن جۈمە داموللام، ئابدۇقادىر قارى ھاجىم ۋە ئەمەت قارى ھاجىم قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ھېيتگاھدا 5 يېرىملارغىچە زىيارەتتە بولغان. شۇنداقلا ئامېرىكىلىق ۋەكىللەر قەشقەردىكى زىيارىتى داۋامىدا يەنە، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىسلام مەكتىۋىنىمۇ كۆزدىن كۆچۈرگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىنى 19 - ئاۋغۇست يەنى ئۆتكەن جۈمە كۈنى باشلىغان بۇ ئۆمەك، قەشقەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە بولغان. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى مىندىي لارمور (Lindy Larmore) خانىم بۇ سەپەرنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى مەخسۇس قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى بىلەن ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر ئېلى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى دىن ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
گەرچە بۇ ئۆمەكنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، مەكىتتىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلارغا پىلانلىق تۇغۇت قوللانمىسى تارقاتتى
- خىتاي ساقچىلىرى ئىلى ۋىلايىتىدە 179 تۇڭگاننى تۇتۇپ كەتكەن
- خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامىنىخاننى 37 ئوقۇغۇچىسى بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ئۇيغۇر ئايالنى قانۇنسىز دىنىي تەلىم بەرگەن دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئالدى
- ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىدە قەشقەرغىچە بارماقچى