شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى يېقىندا پۈتۈن ئوبلاست بويىچە بارلىق دىنىي ئۆلىمالارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى باشلايدىكەن.
بۇ خەۋەر يەنە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاساسلىقى قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى ناھىيە ۋە يېزا مەسچىتلىرىنىڭ خاتىپ - ئىماملىرىغا قارىتىلغان.
مەزكۇر تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى بويىچە، ھۆكۈمەت بۇ يەردىكى بارلىق دىنىي ئۆلىمالاردىن يازمىچە ۋە يۈز تۇرانە پاراڭلىشىش قاتارلىق ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئىمتىھان ئالىدىكەن. شۇنداقلا ھەر ئىككىلا ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر يەنە، شۇلار قاراشلىق رايونلاردىكى ئاممىنىڭ پىكرى، يېزا-بازارلىق بىرلىكسەپ دىنىي ئىشلار ئىشخانىسى ھەمدە ناھىيە، شەھەر دەرىجىلىك بىرلىكسەپ دىنىي ئىشلار ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتىشى كېرەك ئىكەن. ئاخىرقى باسقۇچتا يەنە، يۇقارقى سىناقلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتكەن ئۆلىمالار، ئوبلاستلىق بىرلىكسەپ خىزمەت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئاخىرقى تەستىقىدىن كېيىن، ئاندىن ئوبلاستلىق ئىسلام بىرلەشمىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى ئۇلارغا دىنىي ئۆلىمالىق لاياقەت كېنىشكىسىنى بېرىدىكەن.
بۇ تەكشۈرۈشلەرنىڭ بىرەرسىدىن ئۆتەلمىگەنلەرگە لاياقەتلىك كېنىشكىسى بېرىلمەيدىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ دىنىي تەلىم-تەربىيە بېرىش ھوقۇقى بولمايدىكەن. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى ئىمتىھان مەزمۇنلىرىنىڭ، خىتاي تارقاتقان "شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب" ۋە "شىنجاڭ تارىخى" كىتابلىرىدىن ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئۆلىمالارغا قىلىنغان بىر چوڭ ھاقارەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)