جىنىمەي ناھىيىسى دىنىي ئىشلارنى كونترول قىلىشتا ئاكتىپ بولغانلىقى ئۈچۈن تەقدىرلەندى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جىمىنەي ناھىيىسى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي بىرلىك سەپ كومىتېتى ۋە دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى چارشەنبە كۈنى جىمىنەي ناھىيىلىك دىنىي ئىشلار تارماقلىرىغا يەتتە دانە موتسىكلىت تەقدىم قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جىمىنەي ناھىيىسىدىكى بىرلىك سەپ دائىرىلىرى بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئېقىملارنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتقان. بىرلىك سەپ خادىملىرى يېزىمۇ- يېزا ئۆيمۇ- ئۆي كىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، جىمىنەيدىكى بىرلىك سەپ ۋە دىنىي ئىشلارغا مەسئول خادىملارنىڭ خىزمەت جەريانىدىكى قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرى بۇ موتسىكلىتلارنى بەرگەن.

ھالبۇكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ يىلقى دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " تېررورچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە" قارشى تۇرۇش نامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قاتتىق باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئارزۇ)