مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى: شىنجاڭدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ


2006.02.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
mechqit-diniy-erkinlik.jpg
مەلۇم بىر مەسچىتنىڭ تېمىغا چاپلانغان بەلگىلىمە. Chongaytip körüng

تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، 11‏- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 18 ياشتىن تۆۋەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە زىيانكەشلىك قىلماقتا. مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى، " جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا يولغا قويغان ئاساسلىق ئۇسۇلى 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىغا يول قويماسلىق، ناماز ئوقۇشىنى چەكلەشتۇر " دەيدۇ.

خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار، دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچەمەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ،" ئون سەككىز ياشتىن تۆۋەنلەر، ئاياللار، دۆلەت - ئىشچى خىزمەتچىلىرى، پارتىيە ئەزالىرى"نىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رايوندىكى ھەر قايسى مەسچىت ئىماملىرى ھەر كۈنى نامازغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ يېشى، جىنسى، خىزمىتى ۋە نامازخانلارنىڭ سانى توغرىسىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە مەلۇمات بېرىشى كېرەك ئىكەن. مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى، " بۇ خىل كۆزىتىش مەسچىتكە بارىدىغان ئۇيغۇرلارغا زور روھى بېسىم شەكىللەندۈرۈپ، مەسچىت ئىماملىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يىراقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىماقتا "دەيدۇ.

قەشقەر ھېيتكا مەسچىتىنىڭ بىر ئىمامى ئىلگىرى بۇ سىياسەتنى ئاقلاپ، " ياشلارنىڭ ناماز ئوقۇشىنى چەكلەش ئۇلارنىڭ دەرسىنى ياخشى ئۈگىنىشى ئۈچۈن" دېگەن ئىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، ئىسلام دىنىي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىمەكتە، دەپ تەنقىدلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.