ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەر ئاستى خىرىستيان چېركاۋلىرىغا قارشى تازىلاش ئېلىپ بېرىلغان
2006.03.24
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى، دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىرىستيان جامائەت گۇرۇھىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 11 ناھىيىسىدە يەر ئاستى خىرىستيان چېركاۋلىرىغا قارشى تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، بۇ ناھىيىلەردىكى يەر ئاستى خىرىستيان دىنىي جەمئىيەتلىرىنىڭ ئون نەچچە نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىنى قولغا ئالغان.
جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قولغا ئېلىنغان يەر ئاستى چېركاۋ رەھبەرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى كېيىنچە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاز ساندىكى بىر قىسىمى يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا خەلقنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە، دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ دائىرىلىرى ھۆكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرغان دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭلا پائالىيىتىگە يول قويۇپ، تىزىمغا ئالدۇرمىغان دىنىي جەمئىيەتلەرنى " خۇراپىي گۇرۇھلار" ياكى " قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر " دەپ ئەيىبلىمەكتە ئىدى.
يەر ئاستى خىرىستيان جەمئىيەتلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىچىدىكى خىرىستيان مۇرىتلىرى ئارىسىدا بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئاز بولسىمۇ مۇخلىسى كۆپىيىۋاتقان دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا ئىدى.
پرېزىدېنت بۇش ئۆتكەن قېتىم بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خۇ جىنتاۋ كېلەر ئاينىڭ 20 - كۈنى ۋاشىنگتوندا پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇش، خۇ جىنتاۋ بىلەن دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىش كېرەكلىكى قاتارلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىگە ياتىدىغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشى مۈمكىن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەركىن ئالپتېكىن دۇنيا ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ھەققىدە مۇراجىئەتنامە يوللىدى
- مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى: شىنجاڭدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ
- خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەر ئاستى خرىستىئان ئېتىقادچىلار جامائىتىنى قولغا ئالدى
- خرىستىيان مۇخلىسى ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلدى
- جىنىمەي ناھىيىسى دىنىي ئىشلارنى كونترول قىلىشتا ئاكتىپ بولغانلىقى ئۈچۈن تەقدىرلەندى