ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت، ياش - ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئېتىقاد تەربىيىسىنى كۈچەيتتى


2006.04.27

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونغا مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى قىلىپ بېكىتكەن ئەمەلدارى نۇ ربەكرى" ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش يىغىنى" دا سۆز قىلىپ،ئىجتىمائى، سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 27 ‏- ئاپرىل كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ، نۇر بەكرىنىڭ يىغىندا قىلغان سۆزى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، نۇر بەكرى ئەينەن مۇنداق دىگەن: ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە مەسئۇل ھەر دەرىجىلىك خىزمەت كومىتېتلىرى چوقۇم ئىسلاھات، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى قوغداشنى ئومۇمىي چىقىش قىلىپ، ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا غايە، ئېتىقاد تەربىيىسىنى كەڭ،چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائى، سىياسىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئۆڭۇشلۇق تەرەققى قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى روھى مەدەت ۋە ئىدىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىش كېرەك"

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۇر بەكرىنىڭ سۆزلىرىگە قارىتا ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈدى.

دىلشات رىشىت سۆزىدە: ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غالچىسى نۇر بەكرىنىڭ ئىجتىمائى، سىياسىي مۇقىملىق دىگىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئاستىدا بەھرىمەن بولۇشقا تىگىشلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى نۇر بەكرىگە ئوخشاش كىشىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا قاراتقان تەربىيىلەش سىياسىتىنى كۈچەيتىدۇ. دېمەك ئۇلار، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن نامدا " ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش" دېگەننى جار سېلىپ ، ئەمەلىيەتتە ياش ‏- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيىسىنى كىچىكىدىن ئۆزلىرىگە ئېتىقاد قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ" دېدى . (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.