خىتايدا ئىمام - خاتىپلارغا لاياقەتلىك كىنىشكىسى ئېلىش ئۆلچىمى قويۇلدى


2006.05.12

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مەسچىتكە ئىمام - خاتىپ بولغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن شەرتلەر بويىچە لاياقەتلىك كىنىشكىسى ئالماي تۇرۇپ ئىمام - خاتىپ بولۇشىنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى. بەلگىلىمە بويىچە مۇسۇلمانلار ئىمام - خاتىپ بولماقچى بولسا چوقۇم ئېغىزچە ۋە يازمىچە ئىمتىھانغا قاتشىشى ۋە لاياقەتلىك كىنىشكىسى ئېلىشى كېرەك.

بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېشى 60 تىن ئاشقان ۋە ئۇزۇندىن بېرى ئىمام - خاتىپلىق قىلىپ كېلىۋاتقان دىنىي زاتلار بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئىچىگە كىرمەيدىكەن. لېكىن بەلگىلىمىدە ئىمام - خاتىپلارنىڭ " قانۇنلارغا بوي سۇنىدىغان، ئىسلام دىنىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ياكى مۇنتىزىم مەدرىس تەربىيىسى ۋە تەڭ دەرىجىلىك ساۋات ئالغان، قۇرئانى - كەرىمنى قائىدە تەلەپپوزى بويىچە يادلىيالايدىغان كىشىلەر" بولۇشى تەلەپ قىلىندى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئاخىرلاشقان مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى " ئىسلام دىنىي خادىملىرىنىڭ لاياقىتىنى بەلگىلەش ئۇسۇلى" ، " ئىسلام دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ دىنىي خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئۇسۇلى" ۋە " مەسچىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى" قاتارلىق بىر قاتار قائىدە - تۈزۈملەرنى ماقۇللىغان. بۇ بەلگىلىمىلەردە مەسچىتلەرنىڭ ئىلكىدىكى يەر - زېمىن، ئۆي مۈلكىنى شۇ جايدىكى زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە گۇۋانامە ئېلىش تەلەپ قىلىندى.

خىتاي دىنىي سورۇنلارنى كونترول قىلىش، دىندارلارنىڭ دىنىي پائالىيىتىگە چەكلىمە قويۇش، ئىبادەت ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2005 - يىلدىكى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى ۋە ياشلارنىڭ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، مەسچىتكە كىرىش ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج تاۋاپىغا بېرىشىنى چەكلىمەكتە، دەپ تەنقىدلەنگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.