شاياردا بىر ياش مۇدەررىس بالىلارغا قۇرئان ئۈگەتكەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شايار ناھىيىسىدە بۇ يىل 35 ياشلاردىكى بىر مۇدەررىس يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ بالىلارغا قۇرئان ئۈگەتكەنلىكى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، شايار ناھىيىسىنىڭ قويلار يېزىسىدا ئولتۇرۇدىغان تۇنىياز زوردۇن ئىسىملىك بىر ياش مۇدەررىس، يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ مەھەللىسىدىكى 10 دەك بالىنى يىغىپ ئۆيىدە قۇرئان كۇرسى ئاچقان. لېكىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ساقچىلار تۇنىياز زوردۇننىڭ ئۆيىگە بېسىم كىرىپ، ياش مۇدەررىسنى ۋە قۇرئان ساۋادى چىقىرىۋاتقان بالىلارنى تۇتۇپ كەتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا 1000 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلغاندىن كېيىن بالىلار قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، لېكىن تۇنىياز زوردۇننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقەنىڭ قاچان يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى.

دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر تۇنىياز زەردۇن ئۈستىدىن يېقىندا سوت ئاچماقچى ئىكەن. دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "تۇنىياز زوردۇننىڭ ئائىلىسىدىكى تۇنىيازغا ئۇزۇن - مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلسە، ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە،" ئىكەن. ئۇ،" شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ئەركىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش خىتاي دائىرىلىرىغا نىسبەتەن نۇمۇس قىلمايدىغان ئادەتتىكى بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى،" دەيدۇ.

جوڭگو دائىرىلىرى ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىدا ھۆكۈمەت كونترول قىلمىغان ھەر قانداق دىنىي ئىنتىلىشنى "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر،" دەپ ئەيىپلىمەكتە. (ئەركىن)