شايارنىڭ قايلو يېزىسىدا مەسچىت قۇرۇلۇشى توختىتىلدى


2006.08.25

ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن، بىر مەسچىتگە ئىگە بولۇش ئارزۇسىنى بىلەن ياشىغان شايار ناھىيىسى قايلو يېزىسى ئاھالىسىنىڭ ئارزۇسى بەرباد بولدى.

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، شايار ناھىيىسى قايلو يېزىسى ئاھالىسى نەچچە يىلىدىن بېرى يېڭى بىر مەسچىت سېلىش ئۈچۈن ئىقتىساد توپلاپ، بۇ يىل مەزكۇر مەسچىت قۇرۇلۇشىنى باشلىغان ئىدى. قۇرۇلۇشنىڭ يېرىمى پۈتكەندە، قايلو يېزىسى باشلىقى قۇرۇلۇشنى توختىتىۋەتكەن بولۇپ، قايلو يېزىسىنىڭ باش ئىمامى 75 ياشلىق ئىمىن ھاجىمنىڭ مەسچىت قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بېرىش توغرىسىدا يېزا باشلىقىغا قىلغان ئىلتىجاسى ھېچ بىر ئىشنى ھەل قىلمىغاندەك، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەن.

يېزا باشلىقىنىڭ ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق ھاقارىتىگە ئۇچرىغان ئىمىن ھاجىم قاتتىق كېسەل بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان.

ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ مەسچىت قۇرۇلۇش ئىشىغا مەسئۇل بولغان مۇسا ئاتاۋۇش ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلانغان. ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئۇ ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. بۇ ئەھۋال قايلو يېزىسى ئاھالىسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما تۇتۇلۇشتىن ۋە تۈرمىگە تاشلىنىشتىن قورقۇپ ھېچكىم ھۆكۈمەت دائىرىلىرگە شىكايەت قىلالمىغان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.