ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر خرىستئان مىسيۇنىرى قولغا ئېلىندى
2006.11.16
ئامېرىكىدىكى خىتايغا ياردەم جەمئىيىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ساقچى دائىرىلىرى يېقىندا يەنە بىر خرىستئان مىسيۇنىرىنى قولغا ئالغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، قولغا ئېلىنغان خرىستىئان مىسيۇنىرى قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ پىنسىيىگە چىققان ئېنگلىس تىلى ئوقۇتقۇچىسى تىيەن مەيشى بولۇپ، بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن.
بۇ يىل 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى، تىيەن مەيشىنى ئۆيىدىن قولغان ئېلىپ ، كۇچار تۈرمىسىگە سولاپ قويغان. ئۇنىڭ جىنايىتى خۇراپى پائالىيەتلەر بىلەن ئالدامچىلىق قىلىش، قانۇنسىز دىن تارقىتىش ئىكەن.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئىلىدا خرىستئان مۇرىتلىرىنىڭ سانى ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ، نۆۋەتتە خرىستيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا ئۇيغۇر تىلى ئۈگىنىۋاتقان بىر ياپونلۇق مۈتەخەسىسنىڭ ئىستانسىمىزغا بىلدۈرىشىچە، پەقەت شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدىلا 400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى خرىستئان مۇرىتى ئىكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلار، كافېيخانا ۋە چايخانىغا ئوخشاش ئاممىۋى سورۇنلاردا دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئەركىن ئېلىپ بارالايدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈرۈمچىدە 35 نەپەر خرىستىئان مۇرىتى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى رامىزان ئېيىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىرىنى چەكلىدى
- ئامېرىكا: خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغماقتا
- شايارنىڭ قايلو يېزىسىدا مەسچىت قۇرۇلۇشى توختىتىلدى
- شاياردا بىر ياش مۇدەررىس بالىلارغا قۇرئان ئۈگەتكەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى