خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يەر ئاستى خرىستىئان جەمئىيىتى مۇرىتلىرىنى قولغا ئېلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بەرگەن


2006.12.01

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى بۇ يىل 10 - ئايدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە 4 نەپەر يەر ئاستى ئائىلە خرىستىئان جەمئىيىتى مۇرىتلىرىنى قولغا ئېلىپ 33 كۈن تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن. خرىستىئان مۇرىتلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە غەيرى ئىنسانىي مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

بۇ يىل 10 - ئاينىڭ - كۈنى يەر ئاستى ئائىلە خرىستىئان جەمئىيىتىنىڭ 30 نەچچە نەپەر مۇرىتى يىغىلىپ ئىبادەت قىلىۋاتقاندا قورغاس ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچى پونكىتىدىكى خادىملار ئىبادەت ئۆتكۈزۈۋاتقان جاينى قورشاپ، مۇرىتلارنىڭ ھەممىسى ساقچىخانىغا ئېلىپ بارغان. تۇتقۇنلارنىڭ كۆپ قىسىمى بىر - ئىككى كۈن ئىچىدە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلار 4 نەپەر خرىستىئان مۇرىتىنى "قانۇنسىز دىنىي يىغىلىش ئۆتكۈزۈش" بىلەن ئەيىبلەپ 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنىگىچە سولاپ قويغان.

تۇتقۇنغا ئۇچرىغان مۇرىتلار رادىئومىزغا بىر ئاي تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا ساقچىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە "غەيرى ئىنسانىي" مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى شىكايەت قىلدى.

خرىستىئان دىنىي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىچىدە تېز كېڭىيىۋاتقان دىن ھېسابلىنىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خرىستىئان مۇرىتىلىرىنى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بەرسىمۇ، دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنى ئۇزۇن - مۇددەت قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.