خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي زاتلارنى ئۆز خائىشى بويىچە تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە


2006.12.14

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بېكىتكەن ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈەن 13 ‏- دېكابىر كۈنى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى دىنىي زاتلارنىڭ پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق مۈئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتى، بىر يىل ئىچىدە 10 نەچچە قارارلىق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھازىرغا قەدەر 6 مىڭ 800 دىن كۆپرەك دىنىي زاتنى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات قىلىپ تەربىيىلىگەن.

ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە " ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار دىننى سوتسىيالىزىمغا ماسلاشتۇرۇش جەھەتتىكى رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى يېتەكلەپ، ئىناق بولغان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك" دېگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىزچىل تۈردە پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە توسقۇنلىق قىلماقتا دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ، خىتاينىڭ" دىننىي سوتسىيالىزىمغا ماسلاشتۇرۇش، دىنىي زاتلارنى ھۆكۈمەت ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش" دىگەن شۇئارلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇنىڭ دەل دىننى كوممۇنىستىك پارتىيە تۈزۈمىگە تەدبىقلاش، بولۇپمۇ دىنىي قائىدە يوسۇنلارنى بۇزۇپ، دىننى پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.